يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى

 

ساغلاملىققا كۆڭۈل بۆلۈشنى ئۆزىمىزدىن باشلايلى

 

يۇقۇرى قان بېسىمى كېسەللىكى 

يۇقۇرى قان بېسىم كېسىلىنىڭ ھەرقايسى دۆلەت-رايۇنلاردىكى ۋە ئوخشىمىغان مىللەت ۋە ئىرقلار ‏ئارىسىدىكى تارقىلىشى بىردەك ئەمەس،تەرەققى قىلغان دۆلەتلەردە تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە قارىغاندا ‏كۆپ، دىڭىز بويى رايۇنلىرىدا ئىچكى قۇرۇقلۇققا قارىغاندا كۆپ،ئامېرى

يۇقۇرى قان بېسىم كېسىلىنىڭ ھەرقايسى دۆلەت-رايۇنلاردىكى ۋە ئوخشىمىغان مىللەت ۋە ئىرقلار ئارىسىدىكى تارقىلىشى بىردەك ئەمەس،تەرەققى قىلغان دۆلەتلەردە تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە قارىغاندا كۆپ، دىڭىز بويى رايۇنلىرىدا ئىچكى قۇرۇقلۇققا قارىغاندا كۆپ،ئامېرىكىلىق قارا تەنلىكلەردە ئاق تەنلىكلەرگە قارىغاندا ئىككى ھەسسە كۆپ،تۇزنى كۆپ ئىستىمال قىلىدىغان مىللەتلەردە ئاز ئىستىمال قىلىدىغانلاردىن كۆپ.

         دۆلىتىمىزنىڭ 2002-يىللىق ساغلاملىق ۋە ئوزۇقلىنىش ئەھۋالىنى سىتاتىسكا قىلغاندا 18 ياشتىن يۇقۇرى چوڭلارنىڭ يۇقۇرى قان بېسىمىغا گىرىپتار بولۇش نىسبەتى %18.8 بولغان بولۇپ،دۆلىتىمىزدە تەخمىنەن 160 مىليوندىن ئارتۇق يۇقۇرى قان بىسىم بىمارى بار ئىكەن ،بۇلاردىن قان بىسمى يۇقۇرى ئىكەنلكىىنى بىلىىدىغانلار ئاران %50 ،داۋاملىق دورابىلەن داۋالانغانلار %10 ، قان بېسىمى كونتىرۇل قىلىنغانلار %6 ئىكەن، دىمەك %90 دىن ئارتۇق ئادەم داۋاملىق دورا بىلەن داۋالانمايدىكەن. يۇرەك قان تۇمۇر كېسەللىكلىرى ھازىرقى زامانىۋىي جەمىيەتتە ئۆلۈمنى كەلتۇرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەپلەر ئىچىدە ئەڭ ئالدىنقى سەۋەپ بولۇپ،يۇقۇرى قان بېسىم كىسىلى يۈرەك قان تۇمۇر كېسەللىلرىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىلدۇر. يۇقۇرى قان بېسىمىنىڭ ئەگەشمە كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن بولغان سەكتە ( مېڭە قاناش،مېڭە قان –تۇمۇرى تۇسۇلۇشتىن پالەچ بولۇش ) ھازىر كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەردىن بولۇپ قالماقتا،يۇقۇرى قان بېسىمىغا ئەگىشىپ كەلگەن تاجسىمان يۈرەك كېسىلىدىكى يۇرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى بىلەن ئۆلگۈچىلەر بارلىق يۈرەك كېسەللىكلىرى ئىچىدە ئۆلۈش نىسبىتى %50-70 بولماقتا،يۇقۇرى قان بىسىمىدىن مىڭە قاناش بۇلۇپ ئۆلۈپ كەتكەنلەر بىلەن تاجسىمان يۈرەك كېسىلىدىن يۇرەك مۇسكۇلى تېقىلمىسى بۇلۇپ ئۆلگۇچىلەرنىڭ ئۆلۇم سەۋەبى ئىچىدىكى نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بۇلۇپ ، ئۆلۈمنى كەلتۇرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەپلەر ئىچىدە ئەڭ ئالدىنقى سەۋەپ بولۇپ قالدى،نۆۋەتتە كەڭ تارقالغان قەنت سىيىش كېسىلىمۇ يۇقۇرى قان بېسىم بىمارلىرىدا يۈزبىرىش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقۇرى.مىڭە قان تۇمۇرلىرى قېتىشىش،ھامىلدارلىقتىكى يۇقۇرى قان بېسىمى ( ھامىلدارلىقتىن زەھەرلىنىش كېسىلى)،يۈرەك زەئىپلىششىش، بۆرەك زەئىپلىشىش قاتارلىقلارمۇ يۇقۇرى قان بېسىم بىمارلىرىدا دائىم كۆرىلىدىغان ئەگەشمە كىسەللەردۇر.

           ئۇيغۇرلارنىڭ يىمەك-ئىچمەك ئادىتىدە يۇقۇرى خولىستىروللۇق يىمەكلىكلەر ( تەركىۋىدە مايلىق قوي گۆشى ياكى ھايۋانات مېيى مول بولغان يىمەكلىكلەر ) نى ئىستىمال قىلىش باشقا مىللەتكەرگە قارىغاندا نىسبەتەن كۆپ بولۇپ،يۇقۇرى قان بېسىم بىمارلىرى يۇقارقى ئىستاتىسكىدىكى سانىلىق قىممەتتىن تېخمۇ كۆپ بولىشى مۇمكىن، يەنى نۇپۇس بۇيىچە نىسبەتلەشتۈرگەندە تەخمىنەن 2000000 ( ئىككى مىليون ) ئەتراپىدا يۇقۇرى قان بېسىم بىمارى بۇلۇشى مۇمكىن . يۇقۇر قان بېسىم كېسىلى بارلىق سوزولما كېسەللىكلەر ئىچىدە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ،خەلقنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقىغا غايەت زور زىيان سىلىۋاتقان كېسەللىكلەرىنىڭ بىرىدۇر.

          يېرىمىدىن كۆپرەك يۇقۇرى قان بېسىم بىمارلىرىدا دەسلىۋىدە ھىچقانداق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلمىگەچكە دورا ئىچىشكە ئەھمىيەت بەرمەيدۇ-دە ئاقىۋەتتە يۇقارقىدەك ئەگەشمە كېسەللىكلەرگە سەۋەپ بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ قان بېسىم كېسىلىگە بولغان چۈشىنىشى يىتەرسىز بولغاچقا دورا بىلەن داۋالانغۇچىلاردا  قان بېسىمى نورماللاشسىلا دورا ئىچىشىنى ئۈزۈپ قۇيۇش، كارى بولماسلىىقمۇ بۇ كېسەلنىڭ ئەگەشمە كېسەللىكرىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەپ بولماقتا. بىلىش كىرەككى يۇقۇرى قان بېسىم كىسىلى بىرمەزگىل دورا ئىچىپ قان بىسىمى نورماللاشسىلا ساقىيىدىغان كېسەل ئەمەس، تۇرمۇش ئادىتىنى ياخشىلاش بىلەن بىرگە چوقوم ئۇزاق مەزگىل دورا ئىچىشنى داۋاملاشتۇرۇشى ھەتتا بىر ئۆمۆر دورا ئىچىپ داۋالىنىشى كىرەك ، شۇنداق بولغاندىلا يۇقۇرى قان بېسىم كېسىلىنىڭ ئەگەشمە كېسەللىكلىرىنىڭ ئۇنۇملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

 

‎ ‎يۇقىرى قان بېسىم بولسا تىنىچ ھالەتتە تۇرغاندا ئارتىرىيە ‏تومۇرىنىڭ قىسقىرىش بېسىمى 140 مىللىمېتىر سىماب تۇۋرىكىدىن ، ‏ئېچىلىش بېسىمى 90 مىللىمېتېر سىماب تۇۋرىكىدىن ئىشىپ كېتىشنى ‏ئاساسلىق ئالامەت قىلغان سوزولما كېسەللىك بولۇپ، ئادەتتە ‏بىرلەمچى ي

يۇقىرى قان بېسىم بولسا تىنىچ ھالەتتە تۇرغاندا ئارتىرىيە تومۇرىنىڭ قىسقىرىش بېسىمى 140 مىللىمېتىر سىماب تۇۋرىكىدىن ، ئېچىلىش بېسىمى 90 مىللىمېتېر سىماب تۇۋرىكىدىن ئىشىپ كېتىشنى ئاساسلىق ئالامەت قىلغان  سوزولما كېسەللىك بولۇپ، ئادەتتە   بىرلەمچى يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى ۋە ئىككىلەمچى يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى دەپ ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ .

    بىرلەمچى خارەكتىرلىك يۇقىرى قان بېسىمى قان تومۇرنىڭ ئۆزىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشلىرى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان يۇقىرى قان بېسىمى بولۇپ ھەقىقىي قان بېسىمى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇخىل قان بېسىمى قان بېسىمى كېسىلىنىڭ 95% دىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدۇ، ئادەتتە قان بېسىم كېسىلى مۇشۇ بىرلەمچى قان بېسىمىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇزاق مەزگىل ھەتتا بىر ئۆمۈر دورا ئىچىپ داۋالاش كىرەك بولىدۇ.

ئىككىلەمچى خارەكتىرلىك يۇقىرى قان بېسىمى بولسا بەدەننىڭ باشقا ئورۇنلىرىدىكى كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان يۇقىرى قان بېسىمى بولۇپ ، ساختا قان بېسىمى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ قان بېسىمى كېسەللىكىنىڭ 5% نى تەشكىل قىلىدۇ.مەسىلەن : بۆرەك شارچە  يالۇغىدىكى قان بېسىمى ئۆرلەش ئالامىتى، بۆرەك خىرومخۇمار ھۈجەيرە ئۆسمىسى، بۇرەك ئارتىرىيەسى تارىيىش كېسىلى قاتارلىقلاردا قان بېسىم ئۆرلەش ئالامىتى بولىدۇ،  قان بېسىم يۇقۇرلاش  بۇ خىل  كېسەللەرنى داۋالىغاندىن كىيىن يوقىلىدۇ.

يۇقۇرى قان بېسىمىنىڭ بۆلۈنىشى:‏

يۇقۇرى قان بېسىمىنىڭ بۆلۈنىشى:

قان بسىمىنىڭ بۆلۈنىشى

قان بېسىمىنىڭ بۆلۈنىشى

كېڭىيىش بېسىمى(mmHg)

قىسقىرىش بېسىمى(mmHg)

80〉

120〉

ئۆلچەملىك قان بېسىم

85〉

130〉

نورمال قان بېسىم

89~85

139~130

نورمال يۇقۇرى بېسىم

99~90

159~140

(يېنىك)1-دەرىجىدىكى يۇقۇرى قان بېسىم

94~90

149~140

كېلىنىك يۇقۇرى قان بېسىم

109~100

179~160

(ئوتتۇرا)2-دەرىجىدىكى يۇقۇرى قان بېسىم

110≤

180≤

(ئېغىر)3-دەرىجىدىكى يۇقۇرى قان بېسىم

90〉

140≤

قىسقىراش بېسىمى يۇقۇرلاش خاراكتىرىدىكى يۇقۇرى قان بېسىم

90〉

140~149

كېلىنىك قىسقىراش بېسىمىدىكى يۇقۇرى قان بېسىم

 

خەت نۇسخىسىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاڭ  UKIJ تور بېكىتىمىزنىڭ خېتى نورمال كۆرۈنمىسە تۆۋەندىكى

UKIJEs.ttf UKIJEs.ttf
Size : 60.629 Kb
Type : ttf

 خەت نۇسخىسى Alpida_Unicode System

UKIJ Tuz Tom.ttf UKIJ Tuz Tom.ttf
Size : 160.051 Kb
Type : ttf

خەت نۇسخىسى  UKIJ tuz tom

Translate This Page

Make a Free Website with Yola.