قان بېسىم

قان بېسىم
                                    
زاھىر ئابدۇراخمان 

سالجىدەك چاپلاشتى قايچاغ ماڭا زىيانكار قان بېسىم،
تاپمىدىم شۇندىن بۇيان بىرەر مەدەتكار قان بېسىم،
قورقۇنۇچ سالدى ۋۇجۇدۇمغا بولۇپ دار قان بېسىم،
قىلمىدى ھەرنە تەسەللى كۆڭلۈمگە ھېچ كار قان بېسىم،
ئەمدى مەن كىمگە قىلاي دەردىمنى ئىزھار قان بېسىم .

تاش ئىكەن بۇ قان بېسىم،بېشىم ئاغرىققا پارتلاپ كەتمىدى،
چىڭقىلىپ كۆزمۇ چاناقتىن بىر يولى چاچراپ كەتمىدى،
تىللىرىم كالۋالىشىپ بىر كىمگە داتلاپ كەتمىدى ،
پۇت-قولۇم دىر-دىر قىلىپ ھەر يەرگە قاتراپ كەتمىدى،
ئۆي بىلەن كارۋاتقا بەنت قىلدى سىتەمكار قان بېسىم .

سۈرئىتى يۈرەك سوقۇشنىڭ مىنۇتتا يۈزدىن ئاتلىدى،
تېزلىسە نورمال رېتىمنىڭ سانىنى ھەر بىر قاتلىدى،
باش قېيىپ،ئاينىپ كۆڭۈل قەيدىن ئورۇننى پاتلىدى،
كۈندە بىر يوتقان يۇيۇپ خوتۇن كوتۇلداپ داتلىدى،
بۇ ئاھانەتتىن يۈزۈم ئوت ئالدى تەكرار قان بېسىم .

كۈندۈزى قول ئىشقا بارماس،كېچە كۆزدە ئۇيقۇ يوق،
كاللا بار،ئەمما قۇرۇق،كۆڭۈلدە ئۆزگە تۇيغۇ يوق،
ھېسلىرىم قۇمدەك چېچىلغان،سۆزلىرىمدە ئۇرغۇ يوق،
تەقدىرىمنى كاج دېسەم پېشانە ئۈزرە شورغۇ يوق،
نى بۈيۈك ئارمانلىرىمغا بولدى گۆركار قان بېسىم .

سالپىيىپ دوختۇرغا بارسام،تويدۇڭمۇ سەن جاندىن دېدى،
قىلمىساڭ دىققەت ، شۇئان ئىچكەي مېڭەڭ قاندىن،دېدى،
قىل پەرز گۆشتىن،شارابتىن،تاماكۇ ، تۇز،ناندىن،دېدى،
ئال ئارام،بەك چارچىساڭ چۇڭقۇر خەتەر ئاندىن،دېدى،
ئېھتىيات قەلبىبدە تاغنىڭ ۋەزنىگە تەڭ بار قان بېسىم.

ئىلتىجا بىرلە چاپارمەن تۈرلۈك داۋانى ئاختۇرۇپ،
بۇ نىجىس چاپلاندىغا بابنى-راۋانى ئاختۇرۇپ،
تەلمۈرۈپ كۆزلەرگە چىن مېھرۇ-ۋاپانى ئاختۇرۇپ،
قالىمەن يىغلامسىراپ تاپقاچ ۋابانى ئاختۇرۇپ،
بار تىبابەتتىن ئۇمىدنى ئەيلىدى خار قان بېسىم .

دوستلىرىم ئەپتىم-سىياقىمغا قاراپ سەن ساق،دېدى،
بىزنى ئالداپ توقۇغان قوشاقلىرىڭ بۇ،ياق،دېدى،
قىزىلى ئىسسىق كېلەر،كۆتەر بىرەر جام ئاق،دېدى،
ياق،دېسەڭ يارسىز-بۇرادەرسىز قالارسەن تاق،دېدى،
بۇ خىجالەتتىن يۈزۈمنى قويارغا يەر تار قان بېسىم.

بەزىلەر چاقچاق قىلىپ دەر :قان بېسىممۇ،خان بېسىم؟
مەن دېدىم:خاندىن تەۋەللۇت بولغاندۇ بەلكى قان بېسىم،
خانغىغۇ قۇللۇق دېدىم،ھۇشۇمنى ئالدى جان بېسىم،
نورمېلى يۈز،يۈز قىرىقتىن چۈشمىدى بۇ سان بېسىم،
پەش قىلىپ قورقۇتتى ئەزرائىلنى ھەر بار قان بېسىم.

كۆر خالايىق،بىر زامان مەن پاتمىغان يوللارنى كۆر،
مەي-شاراب دەپ سۇ بولۇپ ئاققان تالاي دوللارنى كۆر،
جان پىدا بىز ساڭا،دەپ قولتۇقلىغان قوللارنى كۆر،
ئەمدى ئىزسىز قاغجىراپ تۇرغان بۇ ئوڭ-سوللارنى كۆر،
دەرت-ئەلەمدىن يۈرىكىمدە ئاقتى ئەنھار قان بېسىم .

ماڭا لازىمدۇر بۈگۈن شۇنداق قارارغا كەلمىكىم،
بۇ كېسەلگە قارشى زور جەڭگە بارارغا كەلمىكىم،
جەڭدە مەن نۇسرەت قۇچۇپ ئەلگە يارارغا كەلمىكىم،
ئىزلىرىمدىن گۈل ئۈنۈپ،پەسلى باھارغا كەلمىكىم،
ئوق بولۇپ مەن تەشكىلى باغرىڭنى تەييار قان بېسىم.



مەنبە:ئاقسۇ گېزىتى 

Make a Free Website with Yola.