‎ ‎يۇقىرى قان بېسىم بولسا تىنىچ ھالەتتە تۇرغاندا ئارتىرىيە ‏تومۇرىنىڭ قىسقىرىش بېسىمى 140 مىللىمېتىر سىماب تۇۋرىكىدىن ، ‏ئېچىلىش بېسىمى 90 مىللىمېتېر سىماب تۇۋرىكىدىن ئىشىپ كېتىشنى ‏ئاساسلىق ئالامەت قىلغان سوزولما كېسەللىك بولۇپ، ئادەتتە ‏بىرلەمچى ي

يۇقىرى قان بېسىم بولسا تىنىچ ھالەتتە تۇرغاندا ئارتىرىيە تومۇرىنىڭ قىسقىرىش بېسىمى 140 مىللىمېتىر سىماب تۇۋرىكىدىن ، ئېچىلىش بېسىمى 90 مىللىمېتېر سىماب تۇۋرىكىدىن ئىشىپ كېتىشنى ئاساسلىق ئالامەت قىلغان  سوزولما كېسەللىك بولۇپ، ئادەتتە   بىرلەمچى يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى ۋە ئىككىلەمچى يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى دەپ ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ .

    بىرلەمچى خارەكتىرلىك يۇقىرى قان بېسىمى قان تومۇرنىڭ ئۆزىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشلىرى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان يۇقىرى قان بېسىمى بولۇپ ھەقىقىي قان بېسىمى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇخىل قان بېسىمى قان بېسىمى كېسىلىنىڭ %95 دىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدۇ، ئادەتتە قان بېسىم كېسىلى مۇشۇ بىرلەمچى قان بېسىمىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇزاق مەزگىل ھەتتا بىر ئۆمۈر دورا ئىچىپ داۋالاش كىرەك بولىدۇ.

ئىككىلەمچى خارەكتىرلىك يۇقىرى قان بېسىمى بولسا بەدەننىڭ باشقا ئورۇنلىرىدىكى كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان يۇقىرى قان بېسىمى بولۇپ ، ساختا قان بېسىمى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ قان بېسىمى كېسەللىكىنىڭ %5 نى تەشكىل قىلىدۇ.مەسىلەن : بۆرەك شارچە  يالۇغىدىكى قان بېسىمى ئۆرلەش ئالامىتى، بۆرەك خىرومخۇمار ھۈجەيرە ئۆسمىسى، بۇرەك ئارتىرىيەسى تارىيىش كېسىلى قاتارلىقلاردا قان بېسىم ئۆرلەش ئالامىتى بولىدۇ،  قان بېسىم يۇقۇرلاش  بۇ خىل  كېسەللەرنى داۋالىغاندىن كىيىن يوقىلىدۇ.

قان بېسىمىنى داۋالاش

قان بېسىمىنى داۋالاش

داۋالاشتا: تۇرمۇش ئادىتىنى ئۆزگەرتىش ۋە دورا بىلەن داۋالاش تىن ئىبارەت ئىككى خىل ئۇسۇل قوللىنىلىدۇ.

 

u   ئەگەر يۇقىرى قان بېسىمى يېنىك ( 1 – دەرىجىلىك)  يۇقىرى قان بېسىمى( 140-159 /90-99 ) بولۇپ، ھازىرچە يۈرەك، مېڭە، بۆرەكتە كېسەللىك ئۆزگىرىشى بولمىغان بولسا ، دورا ئىشلەتمەي داۋالاش (تۆۋەندىكىدەك تۇرمۇش ئادىتىنى ئۆزگەرتىش ) ئۇسۇلىنى قوللانسا بولىدۇ، ئادەتتە 3 ئايدىن 6 ئايغىچە قوللىنىپ ئۇنۇمى كۆرۇلمىسە دەرھال دورا بىلەن داۋالاشنى باشلاش لازىم ،بولمىسا ئەگەشمە كىسەللەر كىلىپ چىقىشى مۇمكىن. سەل قاراپ دورا ئىچمەي يۇرۇشكە قەتئى بولمايدۇ. قان بېسىم تۇراقلاشقاندىن كىيىنلا دورا مىقدارىنى مۇۋاپىق تەڭشەش ئەمما توختاتماسلىق كىرەك. ھەتتاكى بىر ئۆمۈر دورا ئىچىلىدۇ.شۇندىلا ئەگەشمە كىېسەللىكلەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئادەتتە يۇقۇرى قان بېسىمىنى140/90mmHgدىن تۆۋەن ھالەتتە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كىرەك.

 

 

u  تۇرمۇش ئادىتىنى ئۆزگەرتىش(دورائىشلەتمەي داۋالاش):

1.  يېمەك-ئىچمەك ئادىتىگە دىققەت قىلىش، قوبۇل قىلىدىغان ئاش تۇزىنىڭ مىقدارنى ئازايتىش، قوي گۆشى قاتارلىق ياغ تەركىبى(خولىسترول) يۇقىرى بولغان ھايۋانات گۆشلىرىنى ئاز ئىستېمال قىلىش، ئاقسىل تەركىبى يۇقىرى بولغان ئۆي قۇشلىرى، بېلىق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش لازىم.

2.   بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەن تىپكە كىرىدىغانلار ئورۇقلاشقا ئەھمىيەت بېرىشى، نورمال پائالىيەتلەرنى كۆپەيتىش ياكى يېمەكلىكلەرنى ئازايتىش ئارقىلىق بەدەن ئېغىرلىقىنى كۆڭۈلدىكىدەك ئېغىرلىقتىن، 10% ئېشىپ كەتمىگەن ھالەتتە ساقلىشى كېرەك. كۆڭۈلدىكىدەك بەدەن ئىغىرلىقى بولسا بوي ئىگىزلىكىدىن (سانتىمىتىر ئاساس قىلنىدۇ) ئەمەلىي بەدەن ئېغىرلقىنى ئېلىۋەتكەنگە تەڭ بولۇپ، 10% ئېشىپ كەتمىگەن ھالەتتە ساقلىشى كېرەك

3.  جىسمانىي ھەرىكەتنى كۈچەيتىش، سەيلە قىلىش، ئاستا يۈگۈرۈش، سۇ ئۈزۈش، تەيجى گۇمپىسى ئويناشقا ئوخشاش نورمال ھەرىكەتلەر بىلەن مۇۋاپىق شۇغۇللىنىش لازىم. ھارغىنلىق ھېس قىلمىغان دەرىجىدە ئوكسىگېنلىق شارائىتتا ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىش، جىددىي ھەرىكەت يەنى، تېز يۈگۈرۈش، ئېغىر نەرسە كۆتۈرۈشكە ئوخشاش چارچىتىدىغان ھەرىكەتلەرنى قىلماسلىق لازىم.

4.  روھى بېسىمنى ئازايتىش، ئۇزۇن مۇددەت جىددىي روھى جىددىيلىشىشتىن ساقلىنىش، نورمال كەيپىياتنى ساقلاپ، ئىمكانقەدەر ھاياجانلىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

5.  ھاراققا چەك قويۇش، ھەمدە تاماكا چەكمەسلىك لازىم. يۇقىرىقىدەك دورىغا تايانماي داۋالىنىش ھەمدە يۇقىرى قان بېسىمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك خەۋپلىك ئامىللارنى تىزگىنلىگەندىن باشقا، قان بېسىمىنى ھەر ۋاقىت تەكشۈرتۈپ تۇرۇش لازىم. ئادەتتە 3 ئايدىن 6 ئايغىچە قوللىنىپ ئۇنۇمى كۆرۇلمىسە دەرھال دورا بىلەن داۋالاشنى باشلاش لازىم ،بولمىسا ئەگەشمە كىسەللەر كىلىپ چىقىشى مۇمكىن.  (مۇھىم ئەسكەرتىش :) بۇ ئۇسۇلنى ئادەتتە 3 ئايدىن 6 ئايغىچە قوللىنىپ  ئەگەر يەنىلا نورمال قان بېسىم ئۆلچىمىگە يەتمىسە، يۇقىرى قان بېسىمىغا قارشى دورىلار بىلەن داۋالىنىش زۆرۈر.سەل قاراپ دورا ئىچمەي يۇرۇشكە قەتئى بولمايدۇ.

 

u         دورا بىلەن داۋالاش

 

   دورا بىلەن داۋالاشقا ماس كېلىدىغانلار: 

u    قان بېسىمى داۋاملىق يۇقۇرى بولغىلى 6ئايدىن ئاشقانلار،تۇرمۇش ئادىتىنى ئۆزگەرتىش ئۇسۇلىنى قوللانسىمۇ قان بېسىمى كونترول بولمىغان يەڭگىل دەرجىدىكى ( 1-دەرىجىلىك قان بېسىم )بىمارلىرى ئەگەر يەنىلا نورمال قان بېسىم ئۆلچىمىگە يەتمىسە، يۇقىرى قان بېسىمىغا قارشى دورىلار بىلەن داۋالىنىش زۆرۈر.سەل قاراپ دورا ئىچمەي يۇرۇشكە قەتئى بولمايدۇ.

u  ئىككىنچى دەرىجىدىكى  ( ئوتتۇرا دەرىجىدىكى )يۇقۇرى قان بېسىم ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرىلار چوقۇم تۇرمۇش ئادىتىنى ئۆزگەرتىش ئۇسۇلىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىرگە دورا بىلەن داۋالاشنى بىرلەشتۇرۇشى ۋە ئۇزاق مەزگىل ھەتتاكى بىر ئۆمۈر دورا  بىلەن داۋالىنىشى كېرەك.؛

u  يۇقۇرى قان بېسىمىغا دىئابىت قوشۇلۇپ كەلگەنلەر ياكى رەئىس ئەزالار زەخمىلەنگەن ۋە ئەگەشمە كېسەللىك كۆرۈلگەنلەر

 

 

قان بېسىمىنى تۆۋەنلەتكۈچى دورىلار

قان بېسىمىنى تۆۋەنلەتكۈچى دورىلار 5تۈرگە بۆلۈنىدۇ.

l      1.   سۈيدۈك ھەيدىگۈچى دورىلار   ( 利尿剂 )

l      2.  β قوبۇللىغۇچ تەنچىنى ئۈزگۈچى دورىلار  (β受体阻滞剂)

l   3 .   قان تومۇرنى ئاكتىپلاشتۇرغۇچى فرمىنت خىزمىتىنى تورموزلىغۇچىلار  (ACEI )    ( 血管紧张素转换酶抑制剂 )

l      4 .   كالتىسىيى ئۆتكۈزۈشنى ئۈزگۈچىلەر   ( 钙离子拮抗剂 )

l      5.    قان تومۇرنى ئاكتىپلاشتۇرغۇچىII قوبۇللىغۇچ تەنچىنى ئۈزگۈچىلەر  ( ARB  )   (血管紧张素II受体阻滞剂 )

 

 

 

u    سۈيدۈك ھەيدىگۈچى دورىلار

مىخاينىزىمى_ناترىينى چىقىرىپ تاشلاپ، ھۈجەيرە سىرتقى سۇيۇقلۇقىنىڭ مىقدارىنى ئازايتىپ، قان تومۇرنىڭ قارشلىق كۈچىنى تۆۋەنلىتىدۇ.

ماس كېلىدىغانلار:يېنىك ، ئوتتۇرا ھال تىپتىكى يۇقۇرى قان بېسىم، تۇزغا سەزگۈر بولغان يۇقۇرى قان بېسىم، سېمىزلىكتىكى يۇقۇرى قان بېسىم، دىئابىت قوشۇلۇپ كەلگەن يۇقۇرى قان بېسىم،كېلىماكتىرىيە دەۋرىدىكى ئاياللار ۋە ياشانغانلاردىكى يۇقۇرى قان بېسىم.

ۋەكىللىك دورىلار-ھىدرو خىلور تىئىازىدى(双氢克尿噻)، سۇنىياۋ(速尿)، لونىيجى(螺内酯

چەكلىنىدىغانلار: شامال دارىش قوشۇلۇپ كەلگەن يۇقۇرى قان بېسىمىغا سۈيدۈك ھەيدىگۈچى دورىلارنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ،كالى ساقلاپ قالغۇچى سۈيدۈك ھەيدىگۈچى دورىنىACEI تۈرىدىكى دورىلار بىلەن ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. بۆرەك زەئىپلەشكەنلەرگە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

u    β قوبۇللىغۇچ تەنچىنى ئۈزگۈچى دورىلار

ۋەكىللىك دورىلار:      بىتالوك(倍他乐克) ،  شىندېئەن(心得安) ، كاۋىيدىلور(卡维洛次

ماس كېلىدىغانلار: ھەر خىل دەرىجىدىكى يۇقۇرى قان بېسىم بولۇپمۇ يۈرەك ھەركىتى تىزلىشىپ كەتكەن ئوتتۇرا ياشلاردىكى يۇقۇرى قان بېسىم، يۈرەك سانجىقى قوشۇلۇپ كەلگەن يۇقۇرى قان بېسىم، ھەركەت قىلىش كەلتۈرۈپ چىقارغان قان بېسىمى تۇيۇقسىز يۇقۇرىلاپ كېتىش قاتارلىقلار.

چەكلىنىدىغانلار: جىددى خاراكتىرلىك يۈرەك زەئىپلىشىش، كاناي زىققىسى،سوزولما كانايچە ياللۇغى، دالانچە قىرىنچىسىنىڭ ئۆتكۈزۈلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراش، ئەتراپ قان تومۇر كېسەللىكى، دىئابىت كېسەللىكى.

u    كالتىسىيى ئۆتكۈزۈشنى ئۈزگۈچىلەر

مىخاينىزىمى- كالتسى ئىئونىنىڭ قان تومۇرھۆجەيرىسى  ئىچگە كىرىشىنى توسىدۇ.

ۋەكىللىك دورىلار   :شىياۋ بېندىپىڭ(硝苯地平)، ۋىراپامىل(维拉帕米)،ئەنلۈدىپىڭ(氨氯地平)،فېي لۈدىپىڭ(非氯地平)

ماس كېلىدىغانلار- ھەر تۈرلۈك دەرىجىدىكى يۇقۇرى قان بېسىم، بولۇپمۇ ياشانغانلاردىكى يۇقۇرى قان بېسىم، ياللۇغ قايتۇرغۇچ دورا، ياكى يۇقۇرى ناترىيلىك دورا ئىستىمال قىلىپ كېلىۋاتقانلار، ھاراق ئىچىدىغانلار، دىئابىت قوشۇلۇپ كەلگەنلەر، تاجىسىمان يۈرەك كېسلى بارلار، ئەتراپ قان تومۇر كېسەللىكى.

چەكلىنىدىغانلار- ئۆتكۈر خاراكتىرلىك يۈرەك زەئىپلەشكەنلەر،، يۈرەكنىڭ ئۆتكۈزۈلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغانلار؛

u    قان تومۇرنى ئاكتىپلاشتۇرغۇچى فىرمىنت خىزمىتىنى تورموزلىغۇچىلارACEI

مىخاينىزىمى-قان تومۇر ئاكتىپلاشتۇرغۇچى ماددا  نى بىركتۈرىدىغان فىرمىنىت بىلەن بىرىكىۋىلىپ بۇ فىرمىنىتنىڭ رولىنى توسۇش ئارقىلىق قان تومۇر ئاكتىپلاشتۇرغۇچى ماددىنىڭ بىرىكىشىنى توسىدۇ.  

ۋەكىللىك دورىلار كاتۇپۇلى(卡托普利/开博通)، يىناپۇلى(依那普利)،بىناپۇلى(比那普利)،فۇشىنپۇلى(蒙诺/福辛普利)

ماس كېلىدىغانلار-سېمىزلىك ،دىئابىت قوشۇلۇپ كەلگەن ۋە يۈرەك كېسىلى قوشۇلۇپ كەلگەنلەر، ھەمدە بۆرەك قاتارلىق رەئىس ئەزالار زەخمىلەنگەن يۇقۇرى قان بېسىم كېسەللىكىگە نىسبەتەن داۋالاش ئۈنۈمى نىسبەتەن ياخشى.بولۇپمۇ يۈرەك زەئىپلىگۈچى قوشۇلۇپ كەلگەنلەر، يۈرەك تىقىلمىسىدىن كىيىنكى يۇقۇرى قان بېسىم، قەنتكە قارىتا قارشىلىق كۈچى تۆۋەنلەپ كەتكەن ياكى دىئابىتلىق بۆرەك كېسلى قوشۇلۇپ كەلگەن يۇقۇرى قان بېسىم كېسەللىكى.

چەكلىنىدىغانلار- قاندا كالىي يۇقۇرىلاپ كەتكەنلەر، ھامىلدارلار، ئىككى تەرەپ بۆەك ئارتىرىيسى تارايغانلار، قاندىكى 3mg肌酐دىن ئېشىپ كەتكەنلەر

ناچار تەسىرى: ئايرىم بىمارلاردە قۇرۇق ھۆتەل پەيدا قىلىدۇ.

u    قان تومۇرنى ئاكتىپلاشتۇرغۇچىIIتەنچىنى ئۈزگۈچىلەر (ARB)

ۋەكىللىك دورىلار :   لۈشاتەن(氯沙坦)، لوشاتەن(络沙坦)

ماس كېلىدىغانلار ۋە چەكلىنىدىغانلارACEI تۈرىدىكىلەرگە ئوخشاش.ئەمما قۇرۇق يۈتەل كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ.

 

 

قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىشنىڭ داۋالاش پىرىنسىپى

u  ھىچقانداق ئەگەشمە كېسەللىك كۆرۈلمىگەنلەرگە 5تۈردىكى قان بېسىم تۆۋەنلەتكۈچى دورىنىڭ ھەر قاندىقىنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ئەگەشمە كېسەللىك كۆرۈلگۈچىلەرگە قارىتا شۇ خىل كېسەل ماس كەلگەن تۈردىكى دورىنى ئىشلىتىش كىرەك.

u  دورا ئىشلىتىشتە ئاۋۋال كىچىك مىقداردىن باشلاش ۋە بارا-بارا مىقدارىنى ئاشۇرۇش ياكى دوار بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كىرەك.

u  2- دەرىجىدىكى يۇقۇرى قان بېسىمىغا قارىتا باشلىنىشتىلا 2خىل تۈردىكى دورىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىش كىرەك.

2خىل قان بېسىم تۆۋەنلەتكۈچى دورىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىش لاھىيسى:

利尿剂+β受体阻滞剂

利尿剂+ACEI/ARB

钙拮抗剂+β受体阻滞剂

钙拮抗剂+ACEI/ARB

u  3خىل قان بېسىم تۆۋەنلەتكۈچى دورىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىشتە چوقۇم چەكلىنىدىغان كېسەللىككە دىققەت قىلىش بىلەن بىرگە 3خىلنىڭ ئىچىدە سۈيدۈك ھەيدىگۈچى دورا بولۇشى كىرەك.

u  قان بېسىم تۇراقلاشقاندىن كىيىنلا دورا مىقدارىنى مۇۋاپىق تەڭشەش ئەمما توختاتماسلىق كىرەك. ھەتتاكى بىر ئۆمۈر دورا ئىچىلىدۇ.شۇندىلا ئەگەشمە كىېسەللىكلەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

u  دوختۇر- بىمار پىكىر ئالماشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بىرىپ، قان بېسىمىنى دائىم ئۆلچەپ تۇرۇشنى قولغا كەلتۈرۈش كىرەك.  شارائىتى بلسا قان بېسىم ئۆلچىگۈچ سېتىۋىلىپ  ئائىلىدە قان بېسىمىنى دائىم ئۆلچەپ كۆزىتىش كىرەك.

u   ئادەتتە يۇقۇرى قان بېسىمىنى140/90mmHgدىن تۆۋەن ھالەتتە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كىرەك.

 

 

 

 

ئەگەشمە كېسەللىكى بار بولغان يۇقۇرى قان بېسىمنى داۋالاش پىرىنسىپى

u  مېڭە قان تومۇر كېسەللىكى قوشۇلۇپ كەلگەنلەرگەARB ،ئۇزۇن ئۈنۈملۈك كالتىسىي ئۆتكۈزۈلۈشنى توسقۇچىلار، ACEIياكى سۈيدۈك ھەيدىگۈچىلەر ئىشلىتىلىدۇ.

u  تاجىسىمان يۈرەك كېسلى قوشۇلۇپ كەلگەنلەرگە:يۈرەك سانجىقى قوشۇلۇپ كەلگەن بولسا β-تەنچىنى ئۆزگۈچى بىلەن كالتىسى ئۆتكۈزۈلۈشنى تورمۇزلىغۇچى دورىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىش كىرەك.يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى بولغانلارغا ACEI ۋە βتەنچىنى ئۆزگۈچى دورىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىش كىرەك. ئۇزۇن ئۈنۈملۈك دورنى تاللاپ ئىشلىتىپ قان بېسىم دولقۇنى پەيدا بولۇشنى ئازايتىش كىرەك.

u  يۈرەك زەئىپلىكى قوشۇلۇپ كەلگەنلەرگە قارىتا:ئالامىتى ئىنىق بولمىغان سول يۈرەك قېرىنچىسى خىزمىتى تولۇق بولمىغانلارغا  ACEI ۋە β تەنچىنى ئۈزگۈچى دورىنى كىچىك مىقداردىن باشلاپ بىرلەشتۈرۈپ  ئىشلىتىش كىرەك.ئالامىتى ئىنىق بولغان يۈرەك زەئىپلىكى قوشۇلۇپ كەلگەنلەرگە قارىتا ACEI/ARB،سۈيدۈك ھەيدىگۈچى، βتەنچىنى ئۈزگۈچى دورنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىش كىرەك.

u  سوزۇلما بۆرەك زەئىپلىشىش قوشۇلۇپ كەلگەنلەرگە:داۋاملىق 3خىل ياكى 3خىلدىن ئارتۇق قان بېسىم تۆۋەنلەتكۈچى دورىلارنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىش كىرەك، قان بېسىمىنى مۇۋاپىق سەۋىيدە ساقلاش ، 130/80mmHgدىن تۆۋەن ھالەتتە بولۇشىغا كاپالەتلىك كىلىش كىرەك      ACEI ياكىARB نى ئىشلەتكەندە دەسلەپكى ۋە ئوتتۇرا مەزگىلدىكى بۆرەك زەئىپلىشىشنىڭ يەنىمۇ ئېغىرلاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.ئەمما قان سېغىمچانلىقى تۆۋەنلەپ كېتىش ياكى كېسەللىكنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ئىشلەتكەندە ئەكسىچە بۆرەك ئىقتىدارىنىڭ تېخىمۇ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 

 

 

 

 

 

 

 

يۇقىرى قان بېسىمى ۋە ئۇنى ئۇيغۇر تىبابىتىدە داۋالاش

يۇقىرى قان بېسىمى ۋە ئۇنى ئۇيغۇر تىبابىتىدە داۋالاش

بۇ كېسەللىك قەدىمقى تىببىي كىتابلاردا ئايرىم بايان قىلىنمىغان بولسىمۇ ئەمما كېسەللىك بەلگىلىرىنى ئىپادىلەيدىغان قان تولۇپ قېلىش(ئىمتىلاھى دەم) ياكى قان قايناپ كېتىش (غەييانى دەم) ، قان ‏دولقۇنلىشىش (مەۋج دەم) دېگەن كېسەللىك بەلگىلىرى سۆزلەنگەن.‏

بۇ تۈرلۈك سەۋەبلەردىن تومۇردا ئايلىنىۋاتقان قاننىڭ قان تومۇر دىۋارىغا چۈشۈرىدىغان بېسىمى ئارتىپ كېتىشتىن كېلىپ چىقىدىغان كېسەللىك بولۇپ. باش ئاغرىش ،باش چىڭقىلىش، كۆز قاراڭغۇلىشىپ ئەس – ھوشى توسقۇنلۇققا ئۇچراش، كۆرەلمەسلى ‏،باش قېيىش، يۈرەك قوزغىلىش ، ئۇيقۇسىزلىق ۋە ‏نەپەس تىزلىشىش كۆپ سىيىش ۋە ‏مەخسۇس ئۆلچىگۈچتە ئۆلچىگەندە يۈرەكنىڭ قىسقىرىش ۋاقتىدىكى بېسىمى 140 سىماب تۈۋرۈكىدىن ،ئېچىلىش بېسىمى 90 سىماب تۈۋرۈكىدىن يۇقىرى بولۇش قاتارلىقلار بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.‏

يۇقىرى قان بېسىمى بىرلەمچى خارەكتىرلىك يۇقىرى قان بېسىمى ۋە ئىككىلەمچى خارەكتىرلىك يۇقىرى قان  بېسىمى دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. ‏

بىرلەمچى خارەكتىرلىك يۇقىرى قان بېسىمى قان تومۇرنىڭ ئۆزىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشلىرى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان يۇقىرى قان بېسىمى بولۇپ ھەقىقىي قان بېسىمى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.‏

ئىككىلەمچى خارەكتىرلىك يۇقىرى قان بېسىمى بولسا بەدەننىڭ باشقا ئورۇنلىرىدىكى  كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان يۇقىرى قان بېسىمى بولۇپ ، ساختا قان بېسىمى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ‏

بۇ كېسەللىكنىڭ سەۋەبلىرى ناھايىتى مۇرەككەب ۋە ھەر تەرەپلىمە  بولۇپ، ئەڭ مۇھىمى ئەسەبىي ۋە روھىي ئامىللار چوڭ رول ئوينايدۇ.‏

بىز بۇ سەۋەبلەرنى يىغىنچاقلىغان ھالدا توققۇز تۈر بويىچە كەلتۈرىمىز؛

‏1.قان خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.‏

‏2.قان خىلىتى قۇيۇقلىشىشى سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدۇ.‏

‏3.كۆيگەن سەپرا خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.‏

‏4. يۇقىرى مايلىق قان كېسەللىكى تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ . يەنى قاندا ماي ماددىسى ئارتىپ كېتىش كىسىلى .‏

‏5. موزا تەملىك بەلغەم خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.‏

‏6. كۆيگەن سەۋدا خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.‏

‏7.روھىي ۋە نېرۋا ئامىللىرىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.‏

‏8. ئېرسىيەت خارەكتىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ. يەنى ئەجدادىدا مۇشۇ كېسەل بىلەن ئاغرىغانلارنىڭ يېرىمىدا دېگۈدەك يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى بولىدۇ.‏

‏9. باشقا ئامىللار يەنى تاماكا چېكىش ، ھاراق – شاراب ئىچىش ، داۋاملىق جىددىيلىكتە يۈرىيدىغانلار ياكى شۇنداق كەسپ قىلىدىغانلار ، مەسىلەن ؛ بوغالتىر ، بىلەتچى ، ئۇچقۇچى ، سىتاتىستىكا خادىمىي ‏قاتارلىقلار .‏

ئەمدى بۇ كېسەللىك ھەققىدە يەنىمۇ تەپسىلىيرەك سۆزلەيمىز.‏

بۇ كىسەللىك جىگەر ۋە يۈرەك مىزاجىنىڭ ئىسسىقتىن بۇزۇلۇشى بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك . ئۇيغۇر تېبابىتى نەزەرىيەسىدە ‹‹ كېسەللىك پەيدا بولۇشتا رەئىس ئەزالارغا بولۇپمۇ مېڭە بىلەن يۈرەكنىڭ ‏خىزمىتىگە دەخلى يەتسە بەدەندىكى باشقا ئەزالارغىمۇ تەسىر يېتىدۇ›، دەيدىغان قاراش بار . قان بېسىمى كېسەللىكىدە رەئىس ئەزالار (مېڭە، يۈرەك ، جىگەر) زىيانغا ئۇچرىغان بولىدۇ. بۇ كېسەللىك كۆپىنچە 40 ‏ياشتىن ھالقىغان ، كۆپ ھەرىكەت قىلمايدىغان ، ئەقلى ئەمگەك بىلەن كۆپ شوغۇللىنىدىغان كىشىلەردە ۋە يەنە شەھەر ئاھالىلىرىدە تولىراق ئۇچرايدۇ. سېمىز كىشىلەرنىڭمۇ كۆپىدە قان بېسىمى يۇقىرى ‏بولىدۇ. روھىي ئازابلىنىش، ناھەق زەربىگە ئۇچراشلارمۇ قان بېسىمى ئۆرلەشكە سەۋەب بولۇپ قالىدۇ. گۆۆش – ياغنى كۆپ ئىستىمال قىلىش ئىچىملىك ، چېكىملىك قاتارلىقلارمۇ سەۋەبچى ئامىللاردۇر. يەنە ‏مېڭىدە ئۆسمە پەيدا بولۇش ۋە بۆرەك كېسەللىكىدىمۇ قان بېسىمى ئۆرلەيدۇ. ‏

كېسەللىك ئالامەتلىرى تۆۋەندىكىچە ئىپادىلىنىشى مۇمكىن :‏

دەسلەپتە بىر مەزگىل ئېنىق كېسەللىك ئالامەتلىرى بولمايدۇ .كېيىنچە باشنىڭ ئارقا قىسمىغا بويۇن قوشۇلۇپ ئاغرىيدۇ. چىڭقىلىپ تۇرىدۇ . قايىدۇ ۋە كۆز قاراڭغۇلىشىدۇ، بۇرۇن قانايدۇ. ئۇيقۇ قاچىدۇ ۋە ‏بەزىدە يۈرەك قوزغىلىدۇ، مەيدە قىسىلغاندەك ھېس قىلىدۇ، كېسەللىك ئۇزۇن مۇددەت داۋاملىشىپ ئېشىرلاشسا يۈەك قېرىنچىسىنىڭ خىزمىتى كۈچەپ كىتىپ ، تېمى قېلىنلىشىپ زەئىپلىشىدۇ. ئەمگەك ‏قىلغاندىن كېيىن يۈرىكى سېلىش  ۋە دېمى سىقىلىش كۈچىيىپ كېتىدۇ ، يۆتىلىدۇ كۆپۈكسىمان بەلغەم كېلىدۇ. مېڭە قان تومۇرلىرى كۈچلۈك تارتىشىۋالسا ۋاقىتلىق كۆرمەس ، سۆزلىيەلمەس ۋە قول – پۇتى ‏ھەرىكەتكە كەلمەي پالەچلىك يۈز بېرىشى مۇمكىن .ئەڭ ئېغىرلىرىدا مېڭىگە  قان چۈشۈپ سەكتە بولۇپ قالىدۇ . بىمار ئىش ئۈستىدە ياكى  دەم ئېلىۋېتىپ تۇيۇقسىز ھوشىدىن كېتىپ يېقىلىپ قالىدۇ. قان ‏چۈشكەن تەرەپنىڭ قارشى تەرىپى يەنى قان چۈشمىگەن تەرەپتىكى قول – پۇتى كارغا كەلمەي قالىدۇ . ئاغزى مايماق كېتىدىغان ئىشلار يۈز بېرىدۇ . ئېغىرراقىدا ئۆلۈپ كېتىدۇ ، يېنىكرەكىدە پۇل – قولىنىڭ ‏ھەرىكىتى تەستىرەك ئەسلىگە كېلىدۇ . رەھمەتلىك چوڭ دادام بۇنىڭدىن 15 يىل بۇرۇن نامازغا سەجدىگە بارغاندا مېڭىسىگە قان چۈشۈپ بىلەن باقىيغا سەپەر قىلغانىدى.(ياتقان يېرى جەننەتتىن بولسۇن) ‏

بۇ كېسەللىكنىڭ داۋالىرى ھەققىدە كەڭرەك مەلۇمات بېرىشكە تىرىشىمىز؛‏

بۇ كېسەللىك ھازىر كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەرنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ قالدى . بەزى كىشىلەردە يۈز بەرگەن ئېغىر ئاقىۋەتلەر سەۋەبلىك يەنە بەزى كىشىلەردە روھىي جىددىيلىك يۈز بېرىدىغان ۋە ‏ئۆزىدىن ئورۇنسىز ئەندىشە قىلىدىغان ئەھۋاللارمۇ يۈز بەرمەكتە . شۇڭا بۇ ھەقتىمۇ كۆز قاراشلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويىمىز ؛‏

‏‹‹يۇقىرى قان بېسىمى›› بىلەن ‹‹ يۇقىرى قان  بېسىم كېسەللىكىنى بىر – بىرىدىن پەرق قىلىپ ، ئورۇنسىز غەم – قايغۇ ۋە ئەنسىرەشلەردىن خالىي بولۇش ، ئۆز ۋاقتىدا مۇۋاپىق داۋالىنىپ تۇرۇش كېرەك ، ‏شۇندىلا يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكىنى تامامەن داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدۇ . ئەگەردە كېسەللىك كونىراپ كەتكەن بولسىمۇ يامان ئاقىۋەتلەر يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇمكىن . بۇ ھەقتە دىققەت ‏قىلىدىغان نۇقتىلارنى بايان قىلىمىز ؛

باشتا دەپ ئۆتۈلگەندەك غەم – ئەندىشىدىن يېراق تۇرۇپ ئىمكانىيەتنىڭ يېتىشىچە روھىي غىدىقلىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك . مەسىلەن تۇيۇقسىز خۇشال بولۇش ياكى قايغۇرۇش قاتارلىقلار....‏

قان بېسىمى بەك يۇقىرىلاپ كەتمىگەن ئەھۋالدا مۇۋاپىق ئەمگەك قىلىش ۋە يەڭگىل تەنتەربىيە مەشغۇلاتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش كېرەك . مەسىلەن ؛پىيادە يول يۈرۈشكە ئوخشاش . دائىم ھەرىكەت قىلماي ‏يېتىۋېلىش كۆپ ھاللاردا بەدەننى سۇستلاشتۇرۇپ ، ئەزانى بوشىتىپ ، بەدەندە سۇيۇقلۇق يىغىلىپ ئاقىۋەت ئىششىق پەيدا بولۇشقا ئېلىپ بارىدۇ. ‏

كۈندىلىك تۇرمۇشنى تەرتپكە سېلىش ؛ مۇۋاپىق ئىشلەش، مۇۋاپىق دەم ئېلىش كېرەك . يەنە يېتەرلىك دەرىجىدە ئۇخلاش ۋە ئاممىۋى يىغىلىشلارغا قاتنىشىپ تۇرۇش كېرەك . ‏

بەك ياغلىق ۋە قورۇلغان تاماقلاردىن مۇمكىن پەرھىز قىلىش كىرەك . بۇنىڭدا شۇ كىشىنىڭ تەبىئىتى يەنى شۇنداق غىزالارغا كۆنۈپ قالغان بولسا بېراقلا توختاتماي ئاستا – توختىتىش ۋە ئۇنى قان ‏بېسىمىنى چۈشۈرىدىغان تاماقلارغا ئالماشتۇرۇش قاتارلىقلار . يەنە تۇرۇۋاتقان جاي ، پەسىل ، ۋە ئۆرپ – ئادەتكە قاراپ بەلگىلەشنىمۇ ئۇنتۇماسلىق لازىم. ‏

ھەممىلا كېسەللىكتە پەرھىز قاتارى بۇيرۇلغىنىدەك يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكىدىمۇ ھاراق – شاراب ئىچىۋاتقانلار قەتئىي چەكلەش ، تاماكا چەكمەسلىك كېرەك . يەنە تۇزنى ئاز ئىستىمال قىلىش لازىم ، ‏چۈنكى تۇز بەدەندە ، بولۇپمۇ بۆرەكتە چۆكمە ھاسىل قىلىپ ، بۆرەك خىزمىتىنى بۇزۇپ ئىششىقنى كۈچەيتىپ كېسەلگە يامان تەسىر كۆرسىتىدۇ ، يەنە سېمىز كىشىلەر ئورۇقلاشنىڭ ئامالىنى قىلىش كېرەك ، بۇ ‏ئۇلاردىكى يۇقىرى قان بېسىمى ئۈچۈن پايدىلىق . بۇ ھەقتە سېمىزلىك ھەققىدە يوللىغان تېمىمىزغا قارالسا بولىدۇ.   

مېۋە – چىۋىلەردىن شاتۇت ، ئاق ئۈجمە ، ئۈزۈم ، شاپتۇل قاتارلىقلارنى ئىستىمال قىلىش ، قىش ۈنلىرى شۇلارنىڭ قۇرۇتۇلغان قېقىنى يەپ بېرىش كېرەك . تەبىئىتى كۆتۈرەلىسە تاۋۇز سۈيىمۇ بۇ ھەقتىكى ‏پايدىلىق داۋالاردىن سانىلىدۇ. ‏

دورىلاردىن قاننى سوۋۇتقۇچى ، سۈيدۈكنى راۋان قىلغۇچى ، روھنى كۈچلەندۈرگۈچىلەرنىڭ قان بېسىمىنى چۈشۈرۈش ۋە ئۇنىڭ ئەگەشمە كېسەللىكلىرىنى ياخشىلاش تەسىرى بار. بۇلار نېلۇفەر ، گۈل ‏بىنەپشە، مارجان شوخلا ، كاسىنە ، بادىرەنجىبۇيا، گاۋزىۋان، مەرزەنجۇش ، رەيھان ، قىزىلگۈل،زىغىر ، سۇمبۇل ، ئارپىبەدىيان ، كۆممىقوناق ساقىلى ئارپا قاتارلىقلار.‏

مۇرەككەب دورىلاردىن قاننىڭ ئېقىمىنى تەڭشىگۈچى ، قىيامىنى سۇيۇلدۇرغۇچى، ھارارىتىنى پەسەيتكۈچىل سۈيدۈك ھەيدىگۈچى ، چوڭ تەرەتنى راۋان قىلغۇچى تەسىرلىك دورىلار ئىستىمال قىلىنىدۇ. ‏

بەدەندە يىغىلىپ قالغان ئارتۇقچە ھۆللۈكنى چىقىرىپ ، قان ئېقىمى ، لىمفا سۇيۇقلۇقى ئېقىمىدىكى زىچلىقنى ئازادىلەشتۈرۈش مەقسىدىدە ھەر ئايدا بىر ئىككى كۈن مۇرەككەب ئەپتىمۇن جەۋھىرى ئىچىپ ‏تۇرۇش كېرەك.‏

چىلان شەربىتى ، بىنەپشە شەربىتى ، رەيھان شەربىتى ، تۇرۇنجى شەربىتى ، گاۋزىۋان شەربىتى ، سۇمبۇل شەربىتى، زىرىق شەربىتى، لىمۇن شەربىتى قاتارلىق ھۆل سوغۇق شەربەتلەرنىڭ دەسلەپكى ‏مەزگىلدىكى قان بېسىمىغا پايدىسى بار . ‏

چىلان ۋە قاق چىلانمىسى ئىچىپ بەرسە بولىدۇ . ‏

بىر كىلو ئۇششاق چىلانغا شاپتۇل قېقىدىن 500گرام ، كۆك سايىكە ئۈزۈمدىن 500 گرام قوشۇپ 3-4 لىتىر قايناق سۇغا 2-3 كۈن چىلاپ ، سىقىپ سۈزۈپ سۈيىگە ئازراق شىكەر سېلىپ بىر ئۆرلىتىپ ئېلىپ ‏قويۇپ كۈندە 3-4 قېتىمدىن ھەر قېتىمدا ئىككى قۇشۇقتىن ئىچىپ بەرسە بولىدۇ . ‏

ھەرخىل ئەرەقلەردىن بىنەپشە ئەرەقى  ، كاسىن ئەرەقى ، قىزىلگۈل ئەرەقى  ، شوخلا ئەرەقى ، نىلۇپەر، رەيھان، سۇمبۇل ئەرەقلىرى ۋە بولۇپمۇ مۇرەككەب سەندەل ئەرەقى  ، مۇرەككەب جۈيزە پوستى ئەرەقى ‏قاتارلىقلار پايدىلىقتۇر. ‏

غىزالاردىن بەدەندە يىغىلىپ قالمايدىغان ، ئاسان ھەزىم بولىدىغان ، قاننى قۇيۇقلاشتۇرمايدىغان غىزالارنى ئىستىمال قىلىش لازىم . مەسىلەن ، ئارپا يوبدىنى ، ماش پۇرچاق سېلىنغان شورپا گۈرۈچ ‏قاتارلىقلار . تۈرلۈك كۆكتاتلاردىن  بەسەي ، پالەك ، تۇرۇپ ، چامغۇرلارنىڭ خۇسۇسەن كۆك چىڭسەينىڭ قان بېسىمىنى چۈشۈرۈشتە  رولى خېلى چوڭ. ئۇنىڭدىن باشقا ماش ئۈندۈرمىسى ، دۇفۇ ، قارا ئۆرۈك ، ‏پىنتوزا سېلىنغان دوڭلە(پىنتاڭ) لار پايدا قىلىدۇ. ئەينۇلا مۇرابباسى ، قارا ئۆرۈك مۇرابباسى ، ئالۇچا مۇرابباسى ، بۆلجۈرگەن مۇرابباسى بۇ كېسەلگە ئالاھىدە پايدا قىلىدۇ. ‏

باشقا داۋالىق نۇسخىلاردىن كېسەلنىڭ دەسلىپىدە تاغ بادىرەنجىبۇيىسى چۆپى ، سۇمبۇل ، جۇۋىنە ، ئارپابەدىيانلارنىڭ ھەر قايسىسىدىن 100گرام ئېلىپ ،چۆپ دورىلارنى توپىلىرىدىن تازىلاپ ، يۇيۇپ ، ‏قۇرۇتۇپ ، يىرىكرەك سوقۇپ ، ئۇرۇق دورىلارنى يېرىم سوقۇپ ئارىلاشتۇرۇپ قويۇپ كۈندە ئۈچ قېتىم ھەر قېتىمدا بىر ئاش قوشۇق دورىنى، بىر پىيالە سۇ قۇيۇپ، كىچىك چەينەكتە دەملەپ تەمى چىققاندا ، ‏سۈزۈپ سۈيىگە ئازراق شېكەر سېلىپ بىراقلا  ئېغىز كۆيمىگۈدەك ھالدا ئىسسىق پېتى بېراقلا ئىچىدۇ . ‏

چىغىرتماق يىلتىزىنى پاكىز يۇيۇپ تازىلاپ ، سوقۇپ مىجىپ ، سۈيىنى سىقىۋېلىپ كۈنىگە بىر قوشۇقتىن ئىچىپ بەرسە قان بېسىمىنى چۈشۈرىدۇ . ‏

ئۈزۈم سىركىسىدىن 500مىللىگرامغا ئالتە سەر ناۋات ياكى ھەسەل قوشۇپ سۇست ئوت بىلەن قاينىتىپ   كۈندە ئىككى ئۈچ قېتىم ھەر قېتىمدا تۆت بەش قوشۇقتىن قايناقسۇ بىلەن ئىچىپ تۇرسا قان ‏بېسىمى تۆۋەنلەپ مۇقىملىشىدۇ ، خەلق ئارىسىدىكى تەجرىبىلەرگە قارىغاندا ئۈزۈم سىركىسى بولمىسا ئادەتىكى ئاچچىقسۇ بولسىمۇ بولىدۇ . ‏

بادىرەنجىبۇيا 60 گرام ، قىزىلگۈل ، سۇمبۇل ، گاۋزىۋان ھەر بىرىدىن 30 گرامدىن ، شىكەردىن 300گرام ئېلىپ دورىلارنى تازىلىغاندىن كېيىن تۆت چىنە بىلەن بىر كىچە چىلاپ قۇيۇپ ، ئەتىسى شۇ سۇنىڭ ‏يېرىمى قالغىچە قاينىتىپ دورا تىرىپلىرىنى پاكىز  سۈزۈۋەتكەندىن كېيىن شېكەرنى سېلىپ قىيام قىلىپ ئەتىگەن- كەچتە ئۈچ قۇشۇق مىقدارىدىكى دورىغا شۇنچىلىك مىقداردا قايناقسۇ قۇشۇپ ئىچىپ بەرسە ‏قان بېسىمى ئۆرلىگەندىكى ئۇيقۇسىزلىق، يۈرەك قوزغىلىش ، باش قېيىش   قاتارلىقلارغا ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ . ‏

يۇقىرى قان بېسىمىدىكى باش قېيىشتا ئاپتاپپەرەس تەخسىسىدىن بىر دانە ئېلىپ 20 دانە چىلان بىلەن ئىككى پىيالە سۇدا بىر پىيالە قالغۇچە قاينىتىپ سۈزۈپ ئۈچكە بۆلۈپ ئىچسە بولىدۇ . ‏

ئاپتاپپەرەس يوپۇرمىقىدىن بىر سىقىمنى قاينىتىپ ئىچسىمۇ شۇ تەسىرنى بېرىدۇ. ‏

چىلان بىلەن چىڭسەي يىلتىزىنى بىللە قاينىتىپ چاي ئورنىدا دەملەپ ئىچسە سۈيدۈكنى راۋان قىلىپ قان بېسىمىنى چۈشۈرىدۇ . ‏

چىڭسەي يىلتىزى بىلەن كۆممىقۇناق ساقىلى ۋە چىلاننى قاينىتىپ چاي ئورنىدا ئىچىپ بەرسىمۇ قان بېسىمىنى چۈشۈرىدۇ .‏

مائۇلھەسەل تەييارلاپ ئىچىپ بەرسىمۇ بولىدۇ . (بىر ھەسسە ھەسەلگە ئالتە ھەسسە سۇ ھېسابىدا)‏

پىلە قۇرتى مايىقىدىن 45گرامغا 45 گرام شېكەر قوشۇپ يۇمشاق سوققاندىن كېيىن يەتتە گىرامدىن كۈندە تۆت قېتىم ئىچىپ بەرسىمۇ قان بېسىمىنى چۈشۈرىدۇ. ‏

كۈزدە قىرو چۈشكەن مەزگىلدە ئۈجمە يۇپۇرمىقىدىن بىر جىڭغا بىر يېرىم جىڭ قارا كۈنجۈت قوشۇپ ، يۇمشاق سوقۇپ مەلۇم مىقداردىكى شېكەر  بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ كۈنىگە 10-12 گرامغىچە ئىچسە قان ‏بېسىمىنى چۈشۈرىدۇ ، باش قېيىشنى داۋالايدۇ .‏

تاجىگۈلدىن 12گرامغا 12 دانە چىلان قوشۇپ يېرىم چىنە سۇ بىلەن قاينىتىپ ھەر كۈنى ئىچىپ بەرسە قان بېسىمىنى چۈشۈرىدۇ. ‏

قارا كۈنجۈتتىن 500گرامنى تازىلاپ قورۇپ سارغايتىپ تەڭ مىقداردىكى شېكەر بىلەن قوشۇپ تالقان قىلىپ ئەتىگەن كەچتە 10-12 گرامغىچە سۇغا چېلىپ ئىچىپ بەرسە قان بېسىمىنى چۈشۈرۈشكە ‏نىسبەتەن ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.‏

گاۋزىۋاندىن 100گرام قىزىلگۈلدىن 30گرام ۋە ئاق قەنتتىن 150گرام ئېلىپ ئىككى چوڭ چىنە سۇدا يېرىمى قالغۇچە قاينىتىپ سۈزۈپ سۈيىگە قەنتنى سېلىپ قىيام قىلىپ كۈندە ئىككى ۋاخ 30گرامدىن ‏ئىچسە قان بېسىمىنى چۈشۈرىدۇ ، يۈرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ ، ئۇخلىتىدۇ ، غەم – ئەندىشىنى يوقىتىدۇ . ‏

لوپنۇر كەندىرى گۈلىدىن 60 گرام ، سېرىق ئوتتىن 50گرام، كەرەپشە ئۇرۇقىدىن 40 گرام ،قوناق ساقىلىدىن40گرام، قىزىل قولتۇق پاقىدىن 30 گرام ئېلىپ  يىرىكرەك سوقۇپ ھەر كۈنى 15گرامدىن چايلىق ‏قىلىپ دەملەپ ئىچىپ بېرىش كېرەك . ‏

پايدىلىنىلغان ماتىرىياللار

ئۇيغۇر تېبابەت قامۇسى(4-توم)‏

ئۇيغۇر تېبابىتىدە سىناقتىن ئۆتكەن رېتسىپلار

ئۇيغۇر تېبابىتى كېسەللىنىش قانۇنىيىتى ئىلمى

جاھىل خارەكتىرلىك كېسەللىكلەرنى داۋالاش.‏

مەنبەسى: تادۇ ئۇيغۇر تىبابەت مۇنبىرى 

Make a Free Website with Yola.